Kayıtlar

Mart, 2017 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

ئىمام ئەلبانى: ساقال قويۇشنىڭ ھۆكمى

Resim
باش بەتكە قايتىڭ

ئەلبانى: رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزى (ناماز ئوقۇش قائىدىسى)

ئەلبانى: رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزى (ناماز ئوقۇش قائىدىسى) ئاپتورى: مۇھەددىس شەيخ مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن بارلىق ھەمدۇ سانا پەقەتلا ئاللاھقا خاستۇر بىرىنچى: قىبلىگە يۈزلىنىش [1] ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى نەدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر – پەرز نامازدىمۇ، نەپلە نامازدىمۇ ئوخشاشلا - قىبلىگە ئالدىنى قىلىدۇ. قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش نامازنىڭ رۇكۇنلىرىدىن بىرىدۇر. قىبلىگە يۈزلەنمەستىن ئوقۇلغان ناماز دۇرۇس بولمايدۇ. [2] قورقۇنچ نامىزى ئوقۇغۇچى بىلەن شىددەتلىك ئۇرۇشتىكى كىشىدىن نامازدا قىبلىگە يۈزلىنىش (شەرتى) ساقىت بولىدۇ. * كەئبىگە يۈز كەلتۈرۈشكە ئىمكانى يوق كېسەل ۋەياكى كېمە، ماشىنا، ئايروپىلان قاتارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىدە سەپەر قىلىۋاتقان كىشى ناماز ۋاقتىنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە، بۇ تۈردىكى كىشىلەردىن كەئبىگە يۈزلىنىش ساقىت بولىدۇ. * ئۇلاغلىق ھالدا ياكى باشقا (قاتناش ۋاسىتىسى) قاتارلىقلار بىلەن سەپەر قىلغان كىشى نەپلە نامازلارنى ۋە ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇسا ئۇلاردىن كەئبىگە يۈزلىنىش ساقىت بولىدۇ. بۇ كى...